چاۋۇشئوغلۇ مۇنبىچ مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن كېلىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە كولدورلىتىش باسقۇچىنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ بۇنىڭ مۇھىم قەدىمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

985921
چاۋۇشئوغلۇ مۇنبىچ مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن كېلىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ پومپېيو بىلەن بولغان كۆرۈشۈشىدە، مۇنبىچ مەسىلىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا سۈرىيە كىرىزىسى ۋە باشقا رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن دەسلەپتە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|پ ي د-ي پ گ نىڭ مۇنبىچ رايونىدىن چىقىرىلىشى ئۈچۈن پىلان تۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: "پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئېنىق كۈن بېكىتىلدى. بۇ ئەمەلىيەتتە بېسىلىدىغان قەدەملەرگە باغلىق، بۇ ئالتە ئايدىن ئاز بولغان بىر جەرياندىندۇر" دېدى.

ئۇ پ ك ك|پ ي د-ي پ گ نىڭ مۇنبىچ رايونىدىن چىقىرىلىشىنىڭ ئامېرىكا سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسى ئىكەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا: "بۇ ۋەدىدە تۇرۇلمىغان ۋە بۈگۈنگىچە بۇ توغرىدا قەدەم تاشلانمىغان ئىدى. پىلاننىڭ تەستىقلىنىشى، ئامېرىكانىڭ بىزگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرغانلىقى مەنىسىگە ئىگە. مۇنبىچتە يەرلىك ھاكىمىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا ھەمكارلىشىمىز" دېدى.

ئامېرىكا كونگرەسىدىكى تۈركىيەگە "F-35" ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىلىشى ھەققىدە قوزغالغان تالاش-تارتىشلار ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"تەھدىت خاراكتېرلىك گەپ-سۆزلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى ۋە بۇنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتۇق. F-35 لەرنى تاپشۇرۇش-تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىملىرى پىلان بويىچە 21-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق."


ئۇ كۆرۈشۈشتە يەنە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشىنى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرىسىدا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ مۇھىم تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر