ئەردوغان پۇتىننىڭ ئالاھىدە ۋەكىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندېر لاۋرېنتىيېۋنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

983303
ئەردوغان پۇتىننىڭ ئالاھىدە ۋەكىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىش تەخمىنەن بىر يېرىم سائەت داۋاملاشتى.

ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق تېمىسى سۈرىيە مەسلىسى بولدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ 29مايدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۇتىن بىلەن كۆرۈۈشۈپ سۈرىيەنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلەشكەن ئىدى.

شۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن ھەمدە ئاستانە مۇزاكىرىلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، مۇھىم مۇساپىلەرنىڭ بېسىپ ئۆتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

بۇ قېتىم جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئەردغان بىلەن لاۋرېنتىيېۋ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشمۇ شۇ دائىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇچرىشىشتا سۈرىيە مەسىلىسىگە چارە تېپىش باسقۇچىغا ئالاقىدار قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر