پاكىستانغا ئاتاك تىك ئۇچارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتى شىركىتى (TUSAŞ/TAI) تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇم تىك ئۇچار ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ياساپ چىققان "ئاتاك" تىك ئۇچارى، ئۆز مۇۋەپپەقىيىتىگە ئېكسپورتنىمۇ قوشتى.

979068
پاكىستانغا ئاتاك تىك ئۇچارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق مەركىزىگە تەۋە قىسىملارغا 2015-يىلدىن ھازىرغىچە جەمئىي 35 دانە ئاتاك تاپشۇرۇلغان بولۇپ، بۇلار تېررورلۇققا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەردە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتە.

دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدىكى مىللىي ۋە ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ ئەڭ دىققەت قوزغايدىغان مەھسۇلاتلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان ئاتاك تىك ئۇچارى، نامايان قىلغان يۇقىرى ئىقتىدارى بىلەن باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. پاكىستان بىلەن ئاتاك تىك ئۇچاارى ئۈستىدە داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلەر ئاخىرى نەتىجە بەردى.

پاكىستان بىلەن 30 دانە ئاتاك سېتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى. پاكىستاندا بىر قاتار سىناقلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكەن ئاتاك تىك ئۇچارى، 23-مارت پاكىستان دۆلەت بايرىمىغا قاتنىشىپ، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە ئۇچۇش نومۇرى كۆرسەتكەن ئىدى.

قىسقا مۇساپىلىك ھاۋا ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن 76 گىچە راكېتامىيوت ئوقى ۋە 500 پاي ئوقلۇق 20 مىللىمېتىرلىق زەمبىرەك بىلەن قوراللانغان ئاتاك تىك ئۇچارىغا، كۆپ مەقسەتلىك ۋەزىپىلەرگە مۇۋاپىق سەككىز دانە تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، 16 دانە لازېر نۇرلۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، سەككىز دانە ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئەڭ ئىلغار ئېلېكتىرونلۇق سىستېما ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر