تۈركىيە ھىندىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە، ھىندىستاننىڭ چاتىسگارھ ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
975502
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھۇجۇم توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ھىندىستاننىڭ چاتىسگارھ ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 7 ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قايغۇردۇق. ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ھىندىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ھىندىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدا تۈنۈگۈن ماۋچى ئىسيانچىلار تەرىپىدىن يول بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا، ساقچى ئاپتوموبىلى ئۆتۈۋاتقان ئەسنادا پارتلىتىپ، 7 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.