مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا سوتتا سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئېلىپ بارغان قەتلىئاملىرى سەۋەبىدىن خەلقئارا سوتتا سوتلىنىشى كېرەكىلىكى ھەققىدە تەكلىپ سۇندى.

973149
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا سوتتا سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە رادىيو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ت ر ت دە، كۈنتەرتىپكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ 14مايدا تېلئەۋىۋدىن قۇددۇسقا يۆتكىلىشىدىن كېيىن غەززەدە يۈ بەرگەن ۋەقەلەر ئۈستىدە توختىلىپ، ھەممەيلەننىڭ ئامېرىكىغا ۋە ئىسرائىلىيەگە كۈچلۈك بىر جاۋاپ قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇش لازىم» دېدى. 

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئامېرىكىنىڭ قۇددۇستا ئەلچىخانا ئېچىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن غەززە چېگارىسىدا نامايىش قىلغانلاردىن 62 پەلەستىنلىكنى شەھىت قىلغان ۋە 3000 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلغان ئىدى.

تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر