ئەردوغان پادىشاھ سەلمان قاتارلىق بىر قاتار دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇد بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

972201
ئەردوغان پادىشاھ سەلمان قاتارلىق بىر قاتار دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ لوندوندىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا ئۆتكۈزۈگەن تېلېفون سۆھبىتىدە پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇھاكىمە قىلىنغان.

غەززە چېگراسىدا 62 پەلەستىنلىك شېىھت قىلىنغان ۋەقەلەرگە مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پادىشاھ سەلمان، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىدىغان جىددىي يىغىنى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ ساباھ ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ۋە ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ ۋە مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەد بىلەنمۇ بۇ دائىرىدە تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر