تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسىرائىلىيەنىڭ كونسۇلىدىن دۆلىتىگە قايتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى يوسېف لېۋى سفارىنىڭ بىر مەزگىللىك دۆلىتىگە قايتىشىنى تەلەپ قىلدى.

972070
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسىرائىلىيەنىڭ كونسۇلىدىن دۆلىتىگە قايتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلىدىن دۆلىتىگە قايتىشنى تەلەپ قىلدى. دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، باش كونسۇل سفارىنىڭ ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن پەيدا بولغان ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن بىر مەزگىل دۆلىتىگە قايتىشى تەلەپ قىلىنغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن (15-ماي) مۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى ئېيتان نائېھنىڭ بىر مەزگىل دۆلىتىگە قايتسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئامېرىكا تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش قارارىنى چىقارغاندىن كېيىن، ئىسىرائىلىيە خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان ھۇجۇمىدا 62 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، 3 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يارىلاندى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىسى كامال ئۆكەم بىلەن ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىسى سەردار قىلىچنى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە چاقىرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر