«ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ»

ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

970855
«ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان زۇلۇمى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋە بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرغۇچىلارغا لەنەت ئوقۇيمەن.»

ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك ئوقۇغۇچىلارغا خىتاب قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشى ئەسناسىدا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ نۇرغۇن پەلەستىنلىكنى قىرغىن قىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن  ئەردوغان: ئىسرائىلىيە دۆلەت تېررورىزىمى سادىر قىلماقتا، ئىسرائىلىيە تېررور دۆلىتىدۇر،دېدى.

ئەردوغان پەلەستىن خەلقى بىلەن ئاداققىچە بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ تىراگېدىيەنى ۋە ئىرقىي قىرغىچىلىقنى مەيلى ئىسرائىلىيە سادىر قىلسۇن مەيلى ئامېرىكا سادىر قىلسۇن كىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر لەنەت ئوقۇيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر