چەت ئەللەردىكى تۈرك سايلىغۇچىلارنىڭ ئادرېس بىلدۈرۈش مۇددىتى بۈگۈن توشىدۇ

24 – ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامغا قاتنىشىدىغان چەت ئەللەردىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئادرېس بىلدۈرۈش مۇددىتى بۈگۈن توشىدۇ.

969206
چەت ئەللەردىكى تۈرك سايلىغۇچىلارنىڭ ئادرېس بىلدۈرۈش مۇددىتى بۈگۈن توشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە 27 – نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلاملىرى ئۈچۈن ئالىي سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن سايلام تەقۋىمىدە بۈگۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن ھېسابلىنىدۇ.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ۋە سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرمىغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ، 24 – ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملارغا قاتنىشالىشى ئۈچۈن بۈگۈن ئەنقەرە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت  5 كىچە ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جاينىڭ ئادرېسىنى تۈركىيە ۋاكالەتخانىلىرىغا بىلدۈرۈشى شەرت ئىكەن.

تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ۋاكالەتخانىلىرى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جاينىڭ ئادرېسىنى بىلدۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن بۈگۈنمۇ دەم  ئېلىش كۈنى بولۇشىغا قارىماي  ئەنقەرە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت  5 كىچە ئوچۇق تۇرىدىكەن.

ئادرېس بىلدۈرۈش ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئىشلىرىنىڭ 12 – ماي كۈنى تاماملىنىشى بىلەن چەت ئەللەردىكى تىزىمغا ئالدۇرغان سايلىغۇچىلارنىڭ سانى ئېنىق بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر