تۈركىيە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىنىڭ سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى زەيد رەئد ئەلھۇسەيىننىڭ تۈركىيەدىكى سايلام قارارىغا مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەشلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

967896
تۈركىيە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىنىڭ سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، ئەلھۇسەيىننىڭ تۈركىيەگە ئالاقىدار سۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا يازما شەكىلدە جاۋاب قايتۇردى؛ ب د ت  كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ تۈركىيە توغرىسىدا يەنە بىر تەرەپلىمە سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاقسوي، «بۇ بايانات خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى چىقارغان قارارغا كۈلەڭگە چۈشۈرمەكتە ۋە مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ رەھبەرلىكىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىگە دائىر ئەپسۇسلىنارلىق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. پۈتۈنلەي سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن قىلىنغان بۇ سۆزنى نەزەرگە ئالمايمىز» دېدى.

باياناتچى ئاقسوي، تۈركىيەدىكى جىددىي ھالەت تۈزۈمىنىڭ پەقەت تېررورچىلار ۋە تېررور بىلەن ئالاقىدار تەرەپلەرگە قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «خەلقىمىزنىڭ ھەق ۋە ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويىدىغان ھېچبىر تەدبىر يوق. جىددىي ھالەت تۈزۈمى دېموكراتىك سايلاملارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگىمۇ توسالغۇ ئەمەس. ھالبۇكى، ئالىي كومىسسار، فىرانسىيەدىمۇ جىددىي ھالەت مەزگىلىدە سايلام ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەدە 2017 – يىلى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سايلاملارنىڭ دېموكراتىك، ئەركىن، ئادىل ۋە ئوچۇق – ئاشكارا بولغانلىقىنىڭ خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دوكلاتلىرى ئارقىلىق جەزملەشتۈرۈلگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئاقسوي، «ئالىي كومىسسارغا جىددىي ھالەتنىڭ خەلقئارا قانۇندا دۆلەتلەرگە بېرىلگەن بىر سالاھىيەت ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە ئەسلىتىپ ئۆتۈشنى خالايمىز. دۆلىتىمىز 24 – ئىيۇن سايلاملىرى ئۈچۈنمۇ ۋەدىلىرىگە ئۇيغۇن شەكىلدە خەلقئارا ئورگانلار بىلەن كېرەكلىك ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتىدۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر