ئافرىندا بىر تۈركىيە ئەسكىرى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىدە، مىنا تازىلاش ۋە تېررورچىلارنى ئاختۇرۇش جەريانىدا پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

963659
ئافرىندا بىر تۈركىيە ئەسكىرى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بىزنى چەكسىز قايغۇغا تاشلىغان بۇ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىدىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، شېھىدىمىزنىڭ دەرد – ئەلەملىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىغا ۋە ئەزىز تۈركىيە خەلقىگە سەۋر - تاقەت تىلەيمىز ھەم تەزىيە بىلدۈرىمىز، ھۇجۇمدا يارىلانغان سەپدىشىمىزگە جانابىي ئاللاھتىن شىپالىق تىلەيمىز.»

ئىگىلىنىشىچە، پارتلاشتا شېھىت بولغان 32 ياشلىق بىرىنچى سېرژانت ئەسكەر ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولۇپ، ئىككى بالىسى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر