ئەمىنە ئەردوغان جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىننىڭ رەپىقىسى بىلەن كۆرۈشتى

جەنۇبىي كورېيەدە  دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان جەنۇبىي كورېىيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىننىڭ رەپىقىسى كىم جۇڭسوك بىلەن كۆرۈشتى.

962658
ئەمىنە ئەردوغان جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىننىڭ رەپىقىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدە بىر يەرگە جەم بولغان ئەمىنە ئەردوغان بىلەن كىم جۇڭسوك، بۇ زىيارەتنىڭ تۈركىيە – جەنۇبىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى، ھەمدە ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق قىممەت ئۆلچەملىرىنىڭ بارلىقىنى، ئانىلىقنىڭ بۇ قىممەت ئۆلچەملىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئالدى بىلەن ئائىلە  جەمئىيىتىنى كۈچەيتىشكە، ئاندىن دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا قوشىدىغان ھەسسىسىنىڭ زورلۇقىنى قەيت قىلىشتى.

ئۇچرىشىشتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ رەپىقىسى ھۈليا چاۋۇشئوغلۇمۇ ئەمىنە ئەردوغان بىلەن  كىم جۇڭسوكقا ھەمراھ بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر