ئەردوغان ئىككى كورېيە رەھبىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا يۇقىرى باھا بەردى

ئەردوغان 2 – مايدا جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى جەريانىدا بۇ مۇھىم تېما ئۈستىدىمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

960208
ئەردوغان ئىككى كورېيە رەھبىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىككى كورېيە خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلىشى ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرولۇق قوراللاردىن تازىلاش يولىدا تاشلانغان بۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە قەدەمنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن بىلەن شىمالى كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ تۈنۈگۈن پانمۇنجومدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىدىن خوشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2مايدا جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى جەريانىدا بۇ مۇھىم تېما ئۈستىدىمۇ سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىككى كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلىشى ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرولۇق قوراللاردىن تازىلاش يولىدا تاشلانغان بۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە قەدەمنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن. بۇ نەتىجىلىك ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىشىنى تىلەيمەن» دېدى.

ئەردوغاننىڭ باياناتى كورېيە تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلىشىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر