ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى غەرب ئەللىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەملىك سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان غەرب ئەللىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

959775
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى غەرب ئەللىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش كونفېرانسىغا ساھىبخانىلىق قىلماقتا.

كونفېرانستا 70 دۆلەت ۋە 20 خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى «تېررورىزمنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىمايمىز» شوئارى ئاستىدا بىر يەرگە جەم بولدى.

كونفېرانسنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىنى دائېش ۋە ئەلقائىدە قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنى قۇرۇتۇپ تاشلاش مەسىلىسى تەشكىل قىلماقتا.

بىرىنچى كۈنى مۇتەخەسسىسلەر سەۋىيەسىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان كونفېرانس، ئىككىنچى كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە داۋاملاشماقتا.

ئىشتىراكچىلار تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش مەسىلىسىدە ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنى قۇرۇتۇپ تاشلاش مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى نىشان قىلماقتا.

كونفېرانسقا تۈركىيەگە ۋەكالىتەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بىلەن مالىيە مىنىستىرى ناجى ئاغبال ئىشتىراك قىلماقتا.

سويلۇ كونفېرانستا قىلغان سۆزىدە، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقان ياۋروپا ۋە غەرب ئەللىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «تېررورىزم مەسىلىسىدە تېخىچە <بۇ سېنىڭ تېررورسىتلىرىڭ، بۇ مېنىڭ تېررورچىلىرىم> دېگەندەك ئاڭغا ئاساسلانغاندا، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى بولمايدۇ ھەم ھېچقانداق ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلىمۇ بولمايدۇ.»

 سۇلايمان سويلۇ يەنە، دۇنيانىڭ دائېش ۋە ئەلقائىدە قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ھەققىدە داۋاملىق باياناتلارنى ئېلان قىلىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د/ي پ گ ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەققىدە ھېچ بايانات ئېلان قىلمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، كونفېرانس تەۋسىيەلەر ۋە بىرقاتار قارارنامىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «پارىژ باياننامىسى» نىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن ئاخىرلىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر