تۈركىيە فىرانسىيەدە ئىسلام ئاكادېمىيەسى ئاچىدۇ
ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى فىرانسىيەدە ئىسلامىي ئىلىملەر ۋە دىنشۇناسلىق ساھەسى بويىچە ئاكادېمىك ئورگان قۇرۇپ چىقىدىغان بولدى.
958928
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مىنىستىرلار كابېنتىنىڭ رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان قارارىغا ئاساسلانغاندا، فىرانسىيەنىڭ سىتراسبۇرگ شەھىرىدە، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق ئىسلامىي ئىلىملەر ۋە دىنشۇناسلىق ساھەسى بويىچە ئاكادېمىك ئورگان قۇرۇپ چىقىلىدىكەن.
بۇ قارارنىڭ، تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 2018 – يىلى 15 – مارتتىكى 2547- نومۇرلۇق ئالىي مائارىپ قانۇنىنىڭ قوشۇمچە 39 - ماددىسىغا بىنائەن ماقۇللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.