ئىلھام ئەلىيېۋ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ئىسمائىل كاھرامان بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى ئىسمائىل كاھرامان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

958207
ئىلھام ئەلىيېۋ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ئىسمائىل كاھرامان بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل كاھرامان بىلەن كۆرۈشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، دۇنيادا بۇنداق يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگە باشقا ئىككى دۆلەتنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ چوڭقۇر تارىخىي يىلتىزلارغا تايىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە كۆپ يۆنۈلۈشلۈك مۇناسىۋەتلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كېيىنكى مۇساپىلەردە مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ زىچلىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىسمائىل كاھرامان بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى. كۆرۈشۈش ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر