رەھبەرلەر 23 – ئاپرېل بالىلار بايرىمى ئۈچۈن تەبرىكنامە ئېلان قىلدى

23 – ئاپرېل مىللىي مۇستەقىللىق ۋە بالىلار بايرىمى ھەمدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)نىڭ ئېچىلغانلىقىنىڭ 98 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن سىياسىي رەھبەرلەر تەبرىكنامە ئېلان قىلدى.

956988
رەھبەرلەر 23 – ئاپرېل بالىلار بايرىمى ئۈچۈن تەبرىكنامە ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېلان قىلغان تەبرىكنامىسىدا، 23ئاپرېلنىڭ ئەزىز تۈرك خەلقىنىڭ قايتىدىن تېرىلىشى ۋە روناق تېپىشىنىڭ نامايەندىسى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان 98 يىللىق تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)نىڭ خىزمەتلىرىنىڭ تۈنجى كۈندىكىگە ئوخشاش ھاياجانلىق كەيپىيات ئىچىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان 24ئىيۇندىكى سايلام ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «دۆلىتىمىزدىكى مۇقىملىق ۋە خاتىرىجەملىك مۇھىتىنى مەستەھكەملەيدىغان يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويۇۋاتىمىز» دېدى.

پارلامېنت باشلىقى ئىسمائىل قەھرىمانمۇ «پارلامېنتىمىز تولۇق مۇستەقىللىقتىن باشقا ھېچقانداق تەكلىپنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، مۇستەقىللىق كۈرىشىنى باشلىغان ۋە پارلامېنتىمىزنىڭ تۇنجى باشلىقى مۇستا كامالنىڭ رەھبەرلىكىدە مىللىي مۇجادىلىنى زەپەر بىلەن تاجلاندۇرغان ئىدى» دېدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى ئىسمائىل قەھرىمان بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ، «بۇ بايرام سوۋغا قىلىنغان سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىمىزنى مۇھەببەت بىلەن قۇچاقلايمىز. ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ بايرىمى مۇبارەك بولسۇن» دېدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم: «ھاكىمىيەت قەيىتسىز شەرتسىز مىللەتكە ئائىتتۇر» پىرىنسىپىغا بىنائەن قۇرۇلغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)نىڭ ئېچىلىشى ئارقىلىق تۈرك تارىخىدا يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە: «پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تىنچلىق، خاتىرىجەملىك ۋە قېرىنداشلىققا تولغان بىر دونيا قۇرۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەڭ چوڭ ۋەزىپىمىزدۇر» دېدى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى باشلىقى كەمال قىلىچدارئوغلۇمۇ تەبرىكنامىسىدا، «23ئاپرېل مىللىي مۇستەقىللىق ۋە بالىلار بايرىمى، دېموكراتىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئادالەتنىڭ ئىشقا ئېشىشى، قانۇن دۆلىتىنىڭ كۈچىيىشى، دۆلىتىمىزگە تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ كاپالىتىدۇر» دېدى ۋە بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر