چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

955726
چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئالدى بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاقىنجى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاھسىن ئەرتۇغرۇل بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغان  مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى فوندى جەمئىيەتلەر باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم بەنتەرنىمۇ قوبۇل قىلىدىكەن.

 شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇدرەت ئۆزەرساينىڭ شەرىپىگە بېرىدىغان كەچلىك تاماق زىياپىتىگە قاتنىشىدىغان چاۋۇشئوغلۇ، ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر