ئەردوغان ناتو باش كاتىپىنى قوبۇل قىلدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ ئەنقەرەنى زىيارەت قىلدى.

952804
ئەردوغان ناتو باش كاتىپىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ (Jens Stoltenberg) پايتەخت ئەنقەرەگە كەلدى.

ستولتېنبېرگ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىكلى تەرىپىدىن ھەربىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى.

جانىكلى ستولتېنبېرگ بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى ناتو باش كاتىپىغا «تېررورىزىمغا زەربە بېرىش خىزمەتلىرىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭىز ۋە بىزنى قوللىغانلىقىڭىز ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن»دېدى.

ئەسكەرلەرگە «مەرھابا ئەسكەر»دەپ سالام بەرگەن ستولتېنبېرگ بېغىشلىما دەپتىرىگە بېغىشلىما يازدى.

مۇراسىمدىن كېيىن مىنىستىر جانىكلى بىلەن ستولتېنبېرگ ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشتى.

ستولتېنبېرگ ئارقىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى.   

كۆرۈشۈشتە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك – ك ج ك – پ ي د –ي پ گ ۋە دائېشنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە بۇ يىل 20-يانۋاردا قوزغىغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى، تۈركىيە-ناتو مۇناسىۋەتلىرى، 2018-يىلدىكى بىريۇسسېل ئالىي باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

باش كاتىپ ستولتېنبېرگنىڭ زىيارىتىدە ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ بىرلىشىپ سۈرىيەدە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.

ستولتېنبېرگ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىنمۇ جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوبۇل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر