ئەردوغان ئالجىرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالجىرىيەدە ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ماتەم بىلدۈرۈش ئۈچۈن پىرېزىدېنت ئابدۇلئەزىز بۇتەفلىكاغا تېلېفون قىلىپ سەۋر تىلىدى.

950125
ئەردوغان ئالجىرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلئەزىز بۇتەفلىكاغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەزىيە تېلېگراممىسىدا، بلىدا ۋىلايىتىدە ھەربىي تىرانسىپورت ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى:

«بۇ قورقۇنچلىق ۋەقەگە نىسبەتەن، ئەگەر ئېھتىياج بولغاندا ئالجىرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزغا ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئالجىرىيەلىكلەرنىڭ قايغۇلىرىغا ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، مۇسىبەتتىكى ئائىلىلىرىگە سەۋر تىلەيمەن، ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت ئابدۇلئەزىز قېرىندىشىم بىلەن قېرىنداش ئالجىرىيە خەلقىگە چىن قەلبىمدىن تەزىيە بىلدۈرىمەن» دېدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئالجىرىيەگە تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئالجىرىيەنىڭ بلىدا ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىرانسىپورت ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 250 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىغا چوڭقۇر قايغۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«مەرھۇملارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يېقىن-يورۇقلىرىغا سەۋر تىلەيمىز، دوست ئالجىرىيە ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش ئالجىرىيە خەلقىنىڭ دەردىگە ئورتاقلىشىمىز.»

تۈنۈگۈن (11-ئاپرېل) ئالجىرىيەنىڭ بوفارىك ھەربىي بازىسىدىن بەششار ۋىلايىتىگە قاراپ ئۇچقان تىرانسىپورت ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، 257 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر