تۈركىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ دەۋالىرىنى رەت قىلدى

باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەنبەلىرى، گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ «تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەترىتى تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا ئوق چىقىرىلغانلىقى» توغرىسىدىكى دەۋالىرىنى رەت قىلدى.

948322
تۈركىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ دەۋالىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە تاراتقۇلىرى، ئەگە دېڭىزىنىڭ ئون ئىككى ئارال رايونىدا قۇرۇقلۇقتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گىرېتسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى كېچە تۈركىيە ۋاقتى 22 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

خەۋەرلەردە، قۇرۇقلۇقتىكى گىرېتسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ رايوندا بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇچقانلىقىنى ئاۋازدىن پەرق ئېتىپ ئەھۋالنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلغانلىقى ۋە يۇقىرىدىن تۈركىيە تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئېتىش توغرىسىدا يوليورۇق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

مەزكۇر دەۋالارنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى رەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر