تۈركىيە رەھبەرلىرى مەزلۇم ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى يوقلىدى

پارلامېنت ئەزالىرى ۋە باش مىنىستىرلىققا قاراشلىق ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت مەزلۇم ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى يوقلىدى.

946692
تۈركىيە رەھبەرلىرى مەزلۇم ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى يوقلىدى
turk heyeti arakanli muslumanlar1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارلامېنت ئەزالىرى ۋە باش مىنىستىرلىققا قاراشلىق ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت، بىرمانىڭ ئاراكان ئۆلكىسىدىكى ئېغىر زۇلۇملاردىن قېچىپ باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلىگەن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان لاگېرلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى كونيا پارلامېنت ئەزاسى ھۈسنۈيە ئەردوغان، تەكىرداغ پارلامېنت ئەزاسى ئايشە دوغان، نەۋشەھىر پارلامېنت ئەزاسى مۇستاپا ئاچىكگۆز، ھاتاي پارلامېنت ئەزاسى ھاجى بايرام تۈركئوغلۇ، كايسەرى پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل تامەر، باش مىنىستىرلىققا قاراشلىق ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۈللۈئوغلۇ قاتارلىق شەخسلەردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت، كوكس بازىرىدىكى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان لاگېرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

ھەيئەت تۇنجى بولۇپ بالۇكھالىدىكى باش مىنىستىرلىققا قاراشلىق ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىغا تەۋە كۆچمە دوختۇرخانىدىكى بىمارلارنى يوقلىدى.

ھەيئەت تۈركىيەلىك سەھىيە خادىملىرىدىن سىرت يەرلىك سەھىيە خادىملىرىمۇ ئىشلەيدىغان دوختۇرخانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ كېسەللەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدى.

ھەيئەت ئارقىدىن «تۈرك چوقىسى»دەپ ئاتىلىدىغان كۇتاپوڭ لاگېرىغا بېرىپ تۈركىيە قىزىلئاي ساخاۋەت جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك تارقىتىش خىزمەتلىرىگە ئىشتىراك قىلدى.

پارلامېنت ئەزالىرى ۋە باش مىنىستىرلىققا قاراشلىق ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى باشلىقى گۈللۈئوغلۇ ئاپتاپپەرەس مېيى،ئۇن، گۈرۈچ، چاي، تالقان، شېكەر، تۇز ۋە تاتلىق-تۈرمىلەرنى لاگېردىكىلەرگە تارقىتىپ بەردى.

مەسئۇللار تۈنۈگۈن 600 خالتا يېمەك-ئىچمەك تارقتىلغان لاگېردا ھەر ھەپتە 4000 كېلو ياردەم بۇيۇمى تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى- تىكا تەرىپىدىن مۇساپىرلار ئۈچۈن سېلىنغان ئاشخانىلارنىمۇ تەكشۈرۈپ چىققان ھەيئەت، كۆچمەنلەرگە ياردەم ۋە قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بۇ مەركەزنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەد ئابۇل كالامدىن مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ياردەم خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدى.

مۇھەممەد كالام كۆچمەن ئاراكانلىقلارغا ياردەم قولىنى سۇنغان تۈركىيەدىن باڭلادېش خەلقى بولۇپمۇ كوكس بازار خەلقىنىڭ تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىرلىققا قاراشلىق ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى باشلىقى گۈللۈئوغلۇمۇ: ھەمكارلىقڭلار ۋە ياردىمىڭلار ئاستىدا قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىمىز، دېدى.

گۈللۈئوغلۇ ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭ يەرلىك خەلقىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ رايون ئىقتىسادىغىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر