تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران سۈرىيەدە مۇنداق قىلىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن «تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش باھانىسىدە ساھەدە يېڭى پائالىيەت ئىمكانىيەتلىرى يارىتىش» قا ئالاقىدار ھەرقانداق بىر ئۇرۇنۇشنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

945140
تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران سۈرىيەدە مۇنداق قىلىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئەنقەرەدە چاقىرىلغان «سۈرىيە» تېمىلىق ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن باياننامە ئېلان قىلىندى.

باياننامىدە ئەسكەرتلىشىچە، باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن «تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش باھانىسىدە ساھەدە يېڭى پائالىيەت ئىمكانىيەتلىرى يارىتىش» قا ئالاقىدار ھەرقانداق بىر ئۇرۇنۇشنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رەھبەرلەر  كېلەر قېتىملىق ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىنىڭ رۇھانىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىراندا چاقىرىلىشىنى قارارلاشتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر