دىيارباقىردا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

دىيارباقىرنىڭ كۇلپ ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا بىر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى شېھىت بولدى.

944086
دىيارباقىردا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيارباقىر ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرى دىيارباقىرنىڭ تاشكۆپرۈ يېزىسى قۇيۇجاق دېھاقانچىلىق مەيدانىدا قانۇنلۇق ھالدا توپلانغان ئوتۇنلار قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلدىكى 7 نەپەر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمىغا ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا 1 ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى شېھىت بولغان، 2 سى ئېغىر بولۇپ، 4 ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى بىلەن بىر پىنسىيونېر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى ۋە بىر پۇقرا يارىلانغان، يارىلانغانلار دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھۇجۇمدىن كېيىن قېچىپ كەتكەن تېررورچىلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر