ئەردوغان  چېگرا رايوندىكى بىر قاراۋۇلخانىنى زىيارەت قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خاتاي ۋىلايىتىگە جايلاشقان چېگرا رايوندىكى بىر قاراۋۇلخانىنى زىيارەت قىلدى.

942618
ئەردوغان  چېگرا رايوندىكى بىر قاراۋۇلخانىنى زىيارەت قىلدى
cumhurbaskani karakol ziyaret3.jpg
cumhurbaskani karakol ziyaret2.jpg
cumhurbaskani karakol ziyaret1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغانغا كۆپ ساندا مىنىستىر، باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار ۋە «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاش مەقسىتىدە چېگرا رايونغا بارغان تەنتەربىيەچىلەر ۋە سەنئەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان 200 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا ھەمراھ بولدى.

ئەسكەرلەرگە ھەربىي فورما كىيگەن ھالدا خىتاب قىلغان ئەردوغان، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا قوزغىغان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى توغرۇلۇق توختالدى.

ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانىنىڭ 3 مىڭ 852 گە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىدە  تىللارغا داستان بولغۇدەك مىسلىسىز قەھرىمانلىقلارنى نامايەن قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە خەلقى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مۇستەقىللىق ئۇرۇشىمىزدا چاناققەلئەدە كۆرۈلگەن تارىخىي بىر گەۋدىلىشىش ۋە قايتىدىن قەد كۆتۈرۈش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.»

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا ھاڭ – تاڭ قالغان ۋە ھەيرانلىق ئىلكىدە كۆزەتكەن ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق، ئىككى ئايغا يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئافرىن شەھەر مەركىزىنى قولغا كىرگۈزۈشىنىڭ، تارىخىي زەپەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان بارلىق ئەسكەرلەرگە، قوراللىق ساقچى قىسىملارغا، ئالاھىدە قىسىملارغا، ئاخباراتچىلارغا، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە ھەمدە ھەربىي ھەرىكەتنى قوللىغان ۋە ياردەم بەرگەن بارلىق تەشكىلاتلار ۋە ئورۇنلارغا ئايرىم – ئايرىم رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئافرىندىكى مىسلىسىز غەلىبىدىن كېيىن، دۇنيا كۈچلىرىنىڭ تۈركىيەسىز قارارلارنى چىقىرىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئافرىن زەپىرى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەقىقىي قابىلىيىتىنى بىلمەيدىغانلارغا تېگىشلىك جاۋابتۇر.»

بۇنىڭدىن كېيىن كۈنسېرى ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان ۋە قۇدرەت تاپقان ھالدا يوللىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەزىز خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرى، پاراۋانلىقى، باياشاتلىقى  ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن قانداق قىلىش زۆرۈر بولسا شۇنداق قىلىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر