تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە يېڭى نىشانلارنى ئېلان قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھەر قاچان يېڭى نىشانلارنى ئېلان قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىدىن بېشارەت بەردى.

942867
تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە يېڭى نىشانلارنى ئېلان قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا قۇرۇلۇشى تاماملانغان 80 مەكتەپ ۋە 59 مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە زالىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش توغرىسىدا توختىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ك ج ك|پ ي د-ي پ گ ۋە دائېشچىلارنى يوقىتىپ، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى يۇقىرى بېسىم ھەمدە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 2018-يىل 20-يانۋار باشلانغان «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» دائىرەسىدە، ھازىرغىچە 3782 تېررورىستنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە قەتئىي ئىرادىنى تەكىتلىدى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېڭى نىشانلارغا قاراپ ئىلگىرىلەشنىڭ تەييارلىقىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ ئافرىندىن كېيىن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە يېڭى نىشانلارنى ھەر قاچان ئېلان قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق دېدى:

«تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى قاچىدۇ، بىز قوغلايمىز، قانداق بولدى؟ سۈرىيەگە قاچتى، ئافرىنغا قاچتى، ئىراقتا سىنجارغا قاچتى. باغداد ھۆكۈمىتىگە ئالاھىدە قىلىپ، <سىلەر ھەل قىلساڭلار قىلىڭلار، بولمىسا بىز سىنجارغا بېرىپ پ ك ك نىڭ ئىشىنى ھەل قىلىمىز> دېدۇق. بۇلارنى قىلىش ئۈچۈن ھېچكىمدىن رۇخسەت بېرىشنى كۈتمەيمىز، ھېچكىمنىڭ كۆزىگە قارىمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر