يىلدىرىم ئىبادى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئىبادى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

938191
يىلدىرىم ئىبادى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئىبادى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە قوشنا ۋە دوست ئىراق بىلەن ئورنىتىلغان يېقىن ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان ئىراقنىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە كېرەكلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىنىڭ كۆتۈلۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئېنېرگىيە ۋە باشقا ئىقتىسادىي ساھەلەر بويىچە جىددىي ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر