ئەردوغان گېرمانىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، گېرمانىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى فرانك ۋولتېر شتېئىنمېئېر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، تۈركىيە – گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

934991
ئەردوغان گېرمانىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئىككى رەھبەر تۈركىيە – گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئىرادىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.

ئەردوغان، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، گېرمانىيەدە قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەت بىلەنمۇ دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

تېررورىزمغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.

ئىككى رەھبەر يەنە، گېرمانىيەدە ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كۈچلۈك رىشتىلىك رولىنى ئويناۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر