ئەردوغان مۇنبىچ توغرىسىدا مۇھىم بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكانىڭ سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

934779
ئەردوغان مۇنبىچ توغرىسىدا مۇھىم بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەشتەپە مىللەت مەدەنىيەت ۋە كونگرە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مىللىتىمىز بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ يېشىل تۈركىيە ئۇچرىشىشى» ناملىق پائالىيەتكە قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆزىدە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ك ج ك|پ ي د|-ي پ گ ۋە دائېش تېررورىستلىرىنى يوقىتىش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ھەمدە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 20-يانۋار باشلانغان زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى ئۈستىدە توختالدى.

 ئۇ: «ئافرىن شەھەر مەركىزى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى. بىز ناھايىتى تېزلىكتە مەكتەپلەرنى رېمونت قىلىشقا باشلىدۇق، دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسىنى رېمونت قىلىمىز، ئۇ يەردىكى ھۆكۈمەت بىنالىرىنىڭ ھەممىسىنى رېمونت قىلىمىز ۋە خاتىرجەم بولغان مۇھىتنى بالدۇرراق بەرپا قىلىمىز» دېدى.

ئۇ بۈگۈنگىچە يوقىتىلغان تېررورىستلار سانىنىڭ 3698 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ ۋەدە قىلىپ تۇرۇپ، پ ك ك|پ ي د-ي پ گ تېررورىستلىرى بىلەن بىرگە ئىشغال قىلغان مۇنبىچتىن چىقىپ كەتمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مۇنبىچتىن چىقمايمىش، ئەسلىدە چىقىپ كېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇ يەردە تۇرۇشقا ھېچقانداق ھوقۇقۇڭلار يوق، بۇ زېمىنلار بىلەن سىلەرنىڭ نېمە مۇناسىۋىتىڭلار بار؟»

ئۇ ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى باھانە قىلىپ، مۇنبىچقا پ ك ك|پ ي د-ي پ گ تېررورىستلىرىنى كىرگۈزگەنلىكىنى خاتىرىلەتتى ۋە رايوننىڭ ھەقىقىي خەلقىنىڭ ئەرەبلەر ئىكەنكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوباماغا، <بۇلارنى ئۇ يەردىن چىقار> دېدىم. ئىستراتېگىيەلىك شېرىك بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇلارنى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە چېكىندۈرەيلى دېدۇق. ئوخشاش گەپنى ھازىرقى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپقىمۇ دېدىم، ئۇمۇ چېكىندۈرمىدى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەر بىر پۇرسەتتە تۈركىيەگە قارشى گەپ قىلغان ئامېرىكا باياناتچىلىرى توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ ترامپنىڭ بۇ قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىشى كېرەكلىكىنى ۋە ئۇنىڭ نامىدا گەپ قىلىۋاتقان باياناتچىلارنى يولغا كىرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «ئۇنداق بولمىغاندا، ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرالمايمىز» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ دائېشنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتلىرىنى خاتىرىلىتىپ، مۇنداق دېدى:

«ئۇنداقتا مۇنبىچتە نېمىگە تۇرىسىلەر؟ رايوننىڭ يېرىمىدا سىلەر تۇرۇڭلار، يېرىمىدا بىز تۇرايلى دېدى. مەن بىزمۇ، سىلەرمۇ تۇرماڭلار، بۇ يەرنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى كىم بولسا ئۇلار تۇرسۇن دېدىم. بىز ئۇ يەرلەردە ئادىل ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى خالايمىز، بىز ھېچقاچان ئۇ يەرنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن بارمىدۇق، پەقەت مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن باردۇق، پەقەت تېررورىستلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن باردۇق.»

ئۇ يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ سىنجار رايونىدىكى تەشكىلىي قۇرۇلۇشى توغرىسىدىمۇ توختالدى ۋە مۇنداق دېدى:

«ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى سىنجاردا پ ك ك نى تازىلىمىسا، بىز تازىلايمىز. ئىككى كۈن ئىچىدە سىنجاردا 38 پ ك ك تېررورىستىنى بىر تەرەپ قىلدۇق، بۇ داۋام قىلسا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ بىر تەرەپ قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر