تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ پىلانلىنىۋاتقان مۇنبىچ سۆھبىتى كېچىكتۈرۈلدى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ 19 – مارتتىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى.

930332
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ پىلانلىنىۋاتقان مۇنبىچ سۆھبىتى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇنىڭ كېچىكتۈرۈلگەن بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە قانىتى پ ي د / ي پ گ نىڭ ئىشغال قىلىۋالغان مۇنبىچ رايونىدىن چېكىنىشى مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى پىلانلىنىۋاتاتتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي ئۇچرىشىشنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش، ئىراق ۋە سۈرىيە مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۈچ كومىتېت قۇرۇلغانىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سۈرىيە كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى تېخى يېقىندا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە – رۇسىيە 6 – نۆۋەتلىك قوشما ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسى يىغىنىدا ئۇچراشقاندىن كېيىن سۆز قىلىپ، «19 – چېسلا ۋاشىنگتوندا بىر ئۇچرىشىش ئۆتكۈزەتتۇق، ئەمدى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ (ئۇچرىشىش) كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن. قانداق قىلىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا سۆزلىشىمىز» دېگەنىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ ئورنىغا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA دىرېكتورى مايك پومپېئونى، پومپېئونىڭ ئورنىغا گىنا چېرى ھاسپېلنى تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

ترامپ، رېكس تىللېرسوننى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش قارارىنى ئۆزىنىڭ چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمى توغرىسىدا تىللېرسون بىلەن ئوخشاش قاراشتا ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر