ئافرىندا ھازىرغىچە 44 تۈركىيە ئەسكىرى شېھىت بولدى

سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدە بۈگۈن 1 تۈركىيە ئەسكىرى شېھىت بولدى.

929133
ئافرىندا ھازىرغىچە 44 تۈركىيە ئەسكىرى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدە  بۈگۈن بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا،ئافرىندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتتە بۈگۈن بىر تۈرك ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بىزنى چوڭقۇر قايغۇغا سالغان بۇ ھادىسىدە شېھىت بولغان ئەزىز قېرىندىشىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە بۈيۈك تۈرك مىللىتىگە سەۋر تىلەپ تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

تۈركىيە ئارمىيەسى بۇ يىل 20-يانۋاردىن باشلاپ ئېلىپ بېرىۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدە ھازىرغىچە 44 تۈرك ئەسكىرى شېھىت بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر