«تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى شەخسلەرگە باغلىق ئەمەس»
باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شەخسلەرگە باغلىق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇغا قاراپ يولغا چىقىش ھارپىسىدا ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى شەخسلەرگە باغلىق ئەمەس» دېدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ۋەزىپىگە كىم ئولتۇرسا ئولتۇرسۇن، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە قارىتا مەيدانىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بىزگە نىسبەتەن ئانچە ئەھمىيىتىمۇ يوق. چۈنكى، تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى شەخسلەرگە باغلىق ئەمەس. بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشىگە تىلەكداشمەن.»