تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىن شەھەر مەركىزىگە كىردى...

زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن شەھەر مەركىزىگە كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

928413
تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىن شەھەر مەركىزىگە كىردى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىن شەھەر مەركىزىگە كىردى؛ تۈركىيە ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئورۇنلارنىڭ قولغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى؛ باياناتتا، «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە 2018 – يىلى 12 – مارتتىن باشلاپ ئافرىن شەھەر مەركىزى مۇھاسىرىگە ئېلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، چېگرا بويى ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئافرىن رايونىدىكى پ ك ك / پ ي د ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە 20 – يانۋاردا باشلانغان ھەرىكەت ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.

باياناتتا، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى باشلىغان 20 - يانۋاردىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانىنىڭ 3393 كە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر