چاۋۇشئوغلۇ: مۇنبىچنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە قوغدايدۇ

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ مۇنبىچتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇ يەرنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

928605
چاۋۇشئوغلۇ: مۇنبىچنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە قوغدايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موسكۋادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكىلىق مەنسەپدېشى رېكس تىللېرسون بىلەن 19 – مارتتا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشىدا، مۇنبىچقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ روشەنلىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«ي پ گ بار جايلارنىڭ مۇقىملىقى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ؟ كىمنىڭ باشقۇرىدىغانلىقىنى قانداق بېكىتىمىز؟» دېگەن چاۋۇشئوغلۇ، ئاساسىي پىرىنسىپنىڭ نوپۇس نىسبىتىگە قاراپ باشقۇرۇش سالاھىيىتى بېرىش بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ي پ گ نىڭ ھېچبىر شەكىلدە بۇ مۇساپىدىن ئورۇن ئالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، «ي پ گ مۇنبىچتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇ يەردە تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ئەسكىرى بولىدۇ. ي پ گ نىڭ چېكىنىش جەريانىنى نازارەت قىلىمىز. بۇ يەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كىم كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ؛ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە تۈركىيە. ئالدى بىلەن بۇ مودېلنى مۇنبىچتە يولغا قويىمىز، ئارقىدىن باشقا جايلارغا يۆتكەيمىز. بۇ راققە ئۈچۈن، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي ئۈچۈنمۇ، ي پ گ نىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جايلار ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە» دېدى.

مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن بۇ رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە بارلىق قەدەملەرنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن تاشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «19 – مارتتىكى يىغىندا يول خەرىتىسى ۋاقتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە روشەنلىشىدۇ. قانچىلىك ۋاقىتتا نېمىلەر يولغا قويۇلىدۇ، باشقا تەرەپكە قانداق ئۆتۈلىدۇ، بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋاقىت جەدۋىلى مۇئەييەنلىشىدۇ. ئاخىرقى يىغىندا ئەلۋەتتە پەرقلىق ئويلايدىغان ئىشلىرىمىز چىققان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما، چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا قاراپ مېڭىلىۋاتىدۇ» دېدى.

نۆۋەتتە سۇرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ مۇنبىچ توغرىسىدا ھېچقانداق بىر تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن ي پ گ غا بېرىلگەن قوراللارنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىش مۇساپىسىنىمۇ نازارەت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە «ھەممىسىنى ئالالمايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. بەزىلىرى كەممىش، بەزىلىرى يوق. لېكىن بىز، بۇ قوراللارنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ دېگىنىدەك <ئالىمىز> دېيىشىۋاتىدۇ. بۇنى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىشقا چۈشكەندە كۆرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر