تۈركىيە ئارمىيەسى: بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 3 مىڭدىن ئاشتى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 3055 كە يەتتى.
925153
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە بۈگۈن پ ك ك – ي پ گ ۋە دائېش ئەزاسى تېررورچىلارغا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىلگەنلىكىنى، ھەربىي ھەرىكەتلەردە مەزكۇر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئەزا 115 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى باشلىغان 20 - يانۋاردىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانىنىڭ 3055 كە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئافرىن رايونىدىكى پ ك ك / پ ي د ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى نىشان قىلغان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.