ئەنقەرە، گىرېتسىيەلىكلەرنىڭ تۈركىيە بايرىقىنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە گىرېتسىيەدىكى بىر قېتىملىق نامايىش ئەسناسىدا تۈركىيە بايرىقىنىڭ كۆيدۈرۈلۈش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

924559
ئەنقەرە، گىرېتسىيەلىكلەرنىڭ تۈركىيە بايرىقىنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن بەشتەپەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 5 – مارتتا گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتېنا (ئافېنا) دا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا بىر ئىرقچى پارتىيەنىڭ تۈركىيە بايرىقىنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىنى نەپرەت بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىلىرىنى بىلدۈردى.

بۇ مەسىلە توغرىسىدا كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىبراھىم قالىن، گىرېتسىيە دائىرىلىرىدىن بۇلارنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ دەرھال تېپىلىپ قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «دۆلەتلەر ئارىسىدا پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى بولۇشى، پەرقلىق قاراشلار ئوتتۇرىغا قويولۇشى مۇمكىن، بىراق بىر دۆلەتنىڭ بايرىقىنى كۆيدۈرۈش ئۆچمەنلىك جىنايىتىدۇر» دېدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ مەسىلە توغرىسىدا بايانات بېرىپ، «بايرىقىمىزغا قىلىنغان بۇ ئەپسۇسلىنارلىق قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىلار ۋاقتىدا قولغا چۈشۈرۈلۈشى لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  باياناتتا، «گىرېتسىيەدىكى بىر ئىرقچى پارتىيەنىڭ 5 – مارتتا ئاتېنادا دۆلىتىمىزگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ئەسناسىدا  بايرىقىمىزنى كۆيدۈرۈشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بايرىقىمىزغا قىلىنغان بۇ ئەپسۇسلىنارلىق قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ۋاقتىدا قولغا ئېلىنىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇشىنى گىرېتسىيە دائىرىلىرىدىن كۈتمەكتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر