ئاغرىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

ئاغرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

923066
ئاغرىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاغرى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق ئەترەتلەر تۈنۈگۈن ئاغرى تاغلىق رايونىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا بىر گۇرۇپپا تېررورچى بىلەن ئۇچراشقان. قوراللىق ئالاھىدە ساقچى قىسىم ئەترەتلىرى بىلەن ئالاھىدە قىسىمنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى جەريانىدا 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان.

ئارقىدىنلا قېچىپ كەتكەن باشقا تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر