ئافرىندىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا 8 ئەسكەر شېھىت بولدى.

921174
ئافرىندىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن رايونىدىكى «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا 8 ئەسكەر شېھىت بولغان، 13 ئەسكەر يارىلانغان.

باش ئىشتاب باشقارمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بىزنى قاتتىق  قايغۇغا تاشلىغان ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلىرىمىزگە ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، تۈركىيە ئارمىيەسىگە، ئەزىز خەلقىمىزگە سەۋر - تاقەت تىلەيمىز ھەم تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا جانابىي ئاللاھتىن شىپالىق تىلەيمىز.»

سېنېگالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئافرىن رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تېررورچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش توغرۇلۇق باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇدىن تېلېفون ئارقىلىق ئۇچۇر ئىگىلىدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشتا ئەسكەرلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، شېھىتلەرگە ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىگەن، شېھىتلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، قوراللىق ساقچى قىسىم قاتارلىق بارلىق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەزىيە بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر