ئافرىندا يەنە يۈزدىن ئارتۇق تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 2184 كە يەتتى.

919782
ئافرىندا يەنە يۈزدىن ئارتۇق تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە بۈگۈن پ ك ك – ي پ گ ۋە دائېش  ئەزاسى تېررورچىلارغا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىلگەنلىكىنى، ھەربىي ھەرىكەتلەردە مەزكۇر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئەزا 101 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى باشلىغان 20 - يانۋاردىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانىنىڭ 2184 كە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بايانىدا كۆرسىتىلىشىچە، چېگرا بويى ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئافرىن رايونىدىكى پ ك ك / پ ي د ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە 20 – يانۋاردا باشلانغان ھەرىكەت ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر