تۈركىيەنىڭ بېرلىن باش ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
تۈركىيەنىڭ گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندىكى باش ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
919293
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت بېرلىندىكى تۈركىيە باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ساقچىلار قاراۋۇلخانىسىغا تۈتەك بومبىسى ئاتقان 4 زوراۋان ساقچىلارنىڭ كۆرۈش ساھەسىنى تارايتىشىدىن پايدىلىنىپ، باش ئەلچىخانا بىناسىغا بويا قاچىلغانغان 8 خالتا ئاتتى.
ھۇجۇمدىن كېيىن باش ئەلچىخانا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن جاۋابكارلارنىڭ دەرھال قولغا چۈشۈرۈلۈشى، ۋەقەنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش ساقچىلىرىنىڭ كۆپەيتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.