سۈرىيەدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

917743
سۈرىيەدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، ئافرىندىكى تېررورچى ئۇنسۇرلارنى يوقىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، «بىزنى چوڭقۇر ئازابقا ۋە قايغۇغا سالغان بۇ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئېزىز شېھىتىمىزگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، شېھىتىمىزنىڭ مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئۇلۇغ تۈرك مىللىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە سەۋر تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر