ئافرىندىكى تېررورچىلارنى ئۇجۇقتۇرۇش ھەرىكىتى ئۇتۇغلۇق داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلارنىڭ سانى 1931 گە يەتتى.

917391
ئافرىندىكى تېررورچىلارنى ئۇجۇقتۇرۇش ھەرىكىتى ئۇتۇغلۇق داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارمىيە باش ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى دائىرىسىدە بۈگۈن قۇرۇغلۇقتىن ۋە ھاۋادىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر نەتىجىسدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پ ك ك/ ك ج ك/ پ ي د ي پ گ ۋە دائېش ئەزاسى 58 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھەرىكەت 20 - يانۋاردا باشلانغاندىن بۇيان ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلار سانىنىڭ 1931 بولغانلىقى قەيت قىلىندى. 

تېررورچىلارنىڭ ئۇۋۇلىرى ھەم ھاۋادىن، ھەم قۇرۇغلۇقتىن بومباردىمان قىلىنماقتا.

بۇ ئارىلىقتا تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئافرىننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى جىندەرەس ناھىيەسىگە قاراشلىق ئەبۇ كابە ۋە ھاجىلار يېزىسى بىلەن ئافرىنننىڭ غەربىدىكى دۈنبەنلىك يېزىسىنى پ ك ك/ ك ج ك/ پ ي د ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىدىن قۇتقازدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە بۇ ھەرىكەتنى قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىرلىكتە ھەرىكەت باشلانغاندىن بۈگۈنگە قەدەر پ ك ك/ ك ج ك/ پ ي د ي پ گ ۋە دائېشنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئافرىندا، بىر ناھىيە، 76 يېزا ۋە 6 يېزىدىن تۆۋەن ئولتۇراق رايونى ھەمدە 20 ئىستىراتېگىيەلىك تاغ  ۋە چوقىلارنى، پ ك ك/ ي پ گ غا تەۋە بىر ھەربىي بازا ۋە 104 نۇقتىلىق نىشاننى تېررورچىلاردىن قۇتقازدى.

زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى تېررورچىلارغا تەۋە 782 نىشاننى پاچاقلاپ تاشلىدى. 

يەنە بىر تەرەپتىن ئارمىيە باش ئىشتابى تەرىپىدىن دۆلەت ئىچىدە 17فېۋرالدىن 23فېۋرالغىچە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە 23 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر