يىلدىرىم: تۈركىيە – بېلارۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىم

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيە – بېلارۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

913462
يىلدىرىم: تۈركىيە – بېلارۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم بېلارۇسىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە «‹ ONT› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا،

بېلارۇسىيە – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە – بېلارۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 8 – 10 يىل ئىچىدە 8 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن  يىلدىرىم، بېلارۇسىيە كۈچلۈك بولغان ساھەلەردە تۈركىيەدە مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى، بەزى سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈركىيەدە ئورتاق ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە سېتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

سودا ئىشلىرىدا مىللىي پۇل ئىشلىتىش نىشانىغىمۇ سودا پائالىيەتلىرى ئارقىلىق يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان  يىلدىرىم، بېلارۇسىيەنىڭ رايوندىكى ۋەزىيىتى مۇقىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا، بۇ دۆلەتتە ھېچقانداق بىر تاشقى تەھدىت ۋە تېررورىزم خەۋپى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

ساياھەت ساھەسىدىمۇ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان  يىلدىرىم، بېلارۇسىيەنىڭ پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەدە، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ بېلارۇسىيەدە 30 كۈنىگىچە ۋىزىسىز ساياھەت قىلاللايدىغانلىقىنى، شۇڭا، ئايروپىلان سەپەرلىرىنى كۆپەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر