تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىمۇ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى

ھەرىكەت نەتىجىسىدە، تېررورچىلارنىڭ پاناھجايلىرى، قورال ئىسكىلاتلىرى ۋە مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى

912704
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىمۇ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاكۈرك رايونىدا ساقچى پونكىتى ۋە بازا رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ نۇقتىلىق جايرىلىرىغا  ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

ئارمىيە باش ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتغا تەۋە نىشانلارغا نەتىجىلىك زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ دائىرىدە، ھاكۈرك رايونىدا ساقچى پونكىتى ۋە بازا رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ نۇقتىلىق جايرىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ھەرىكەت نەتىجىسىدە، تېررورچىلارنىڭ پاناھجايلىرى، قورال ئىسكىلاتلىرى ۋە مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھەرىكەتكە قاتناشقان ئايروپىلانلارنىڭ ساق – سالامەت بازىلىرىغا قايتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر