«زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا بىر تەرەپ قىلغان تېررورچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكيە

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 1062 گە يەتتى.

907101
«زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا بىر تەرەپ قىلغان تېررورچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلىشى جەريانىدا تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتىروللۇقىدىكى بۇرسېيا تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بافىلۇن تېغىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 نىشان بىتچىت قىلىندى.

تۈركىيە باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە پ ك ك / ك  ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنسۇرلىرىدىن 1062 سى بىر تەرەپ قىلىنغان، بۈگۈنكى ھەرىكەتتە بىر قەھرىمان ئەسكەر شېھىت بولغان بولۇپ، ھەربىي ھەرىكەت پىلان بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر