تۈركىيە تۈركمەن تەتقىقاتچى ئەلى ئەلماسقا قىلىنغان سۇيىقەستنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە تۈركمەن ئاكادېمىك ئەلى ئەلماسقا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

905296
تۈركىيە تۈركمەن تەتقىقاتچى ئەلى ئەلماسقا قىلىنغان سۇيىقەستنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كەركۈك ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ تۈركمەن ئوقۇتقۇچىسى ئەلى ئەلماسنىڭ تۈنۈگۈن ئۇچرىغان قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا، «يېقىنقى مەزگىللەردە، كەركۈكتىكى تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزغا قارشى ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزەتمەكتىمىز ۋە بۇ خائىنلارچە ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بۇ ھۇجۇملارنى سادىر قىلغانلار بىلەن ئۇلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكىلەرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇشىنى كۈتمەكتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە ئىراقنىڭ ھوقۇقلۇق دائىرىلىرى، كەركۈك خەلقىنىڭ بارلىق قاتلاملىرىنىڭ شەھەردە خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەستىن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر