ئەردوغان مۇنبىچنىمۇ تېررورلۇقتىن تازىلاپ، ئۆز ئىگلىرىگە تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىنىمۇ تېررورچىلاردىن تازىلاپ، ئەسلى ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

904844
ئەردوغان مۇنبىچنىمۇ تېررورلۇقتىن تازىلاپ، ئۆز ئىگلىرىگە تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس شۇنداقلا ئادالەت ۋە تەرققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەردوغان، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى پارتىيە گۇرۇپپا يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان سۆزىدە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى پ ك ك / ك ج ك/ پ ي د-ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى تازىلاپ، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتقفۇزۇش ئۈچۈن باشلىغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ئۈستىدە توختىلىپ، ئافرىن ۋە ئىدلىبتىكى ھەرىكەتلەرنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان بۇ ھەرىكەتنىڭ قاچان ئاخىرىلىشىدىغانلىقى ھەققىدە بەزى دۆلەتلەردىن ئاۋازلارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «<قاچان ئاخىرىلاشتۇرىسىز؟> دەپ سورايدىغانلاردىن مەنمۇ سوراپ قويايكى، سىز ئافغانىستاندىكى ھەرىكىتىڭىزنى قاچان ئاخىرىلاشتۇرىسىز؟ 18 يىل بولدى، ھازىرمۇ يەنە شۇ يەردە تۇرۇۋاتىسىز. بىزنىڭ 911 كىلومېتىرلىق چېگرايىمىز بار. بۈگۈنگە قەدەر 700 قېتىمدىن ئارتۇق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدۇق. 100 دىن ئارتۇق شېھىدىمىز بار. ئامېرىكا بۇلارنى ئاڭلاۋاتقانمىدۇ؟ كۆرۈۋاتقانمىدۇ؟» دېدى. 

ئامېرىكانىڭ داۋاملىق گوللاش تاكتېكىسى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پ ك ك / ك ج ك/ پ ي د-ي پ گ تېررورچىلىرىنى مۇنبىچقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، دائېشقا قارشى كۈرەشتىن كېيىن، رايوننى بىكار قىلىشقا ۋەدە بەرگەن تۇرۇقلۇق ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«ھازىرمۇ <مۇنبىچقا كىرمەڭلار> دەيسىلەر. بىز مۇنبىچقا ئۇنى ھەقىقىي ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇش ئۈچۈن كىرىمىز. بۇ رايوندا بىر ئىش قىلىدىغان بولسىڭىز، كېلىڭ! ناتودا ئىتتىپاقدىشىڭىز بولغان تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە قىلىڭ! بىزنىڭ مەسىلىمىز پۈتۈن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدۇر. ئامېرىكا <دائېشنى تازىلىدۇق> دەيدۇ. ئۇنداقتا ھازىرغىچە يەنە نېمە دەپ بۇ يەردە تۇرىسىلەر؟ ئۆتمۈشتە كۆزىمىزنىڭ ئالدىدا، يالغان، ھىيلە -نەيرەڭ بىلەن ساختا دىپلوماتىك ئويۇنلار بىلەن 5 مىليون كىۋادرات كىلومېتىرلىق ۋەتىنىمىز تالان – تاراج قىلىندى. قولىمىزغا ئاران 078 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق بۇ (تۈركىيە) دۆلەت قالدى. پەرەز قىلىشىمىزچە، بىرەرسى ئەمدى بۇنى بىزگە ئارتۇق كۆرۈۋاتقاندەك قىلىدۇ. بىزنى شۇنداق قىستىدىكى، ئاخىرى ئۇخلاۋاتقان كاتتا كۈچ ئويغاندى.» 

ئەردوغان پارتىيە گۇۇرپپا يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكانىڭ پ ك ك / ك ج ك/ پ ي د-ي پ گ تەشكىلاتلىرىغا بەرگەن قوراللىرى ھەققىدە تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدە ۋە خەلقئارالىق سەھنىلەردە قانۇنىي قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر