ئافرىندا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 932 گە يەتتى

تۈركىيە ئارمىيەسى، سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا، پ ك ك/ ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش ئەزاسى 932 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

903106
ئافرىندا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 932 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق پ ك ك/ ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرى ۋە ئىستىھكاملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 نۇقتىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا، «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە رايوندىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، پ ك ك/ ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش ئەزاسى 35 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.  ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 932 گە يەتتى» دېيىلدى.

باياناتتا، «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدە ئەسكەر شېھىت بولۇپ كەتكەن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى جايلار توپقا تۇتۇلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، چېگرادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زەمبىرەكچى قىسىملارنىڭ كىلىس – خاتاي چېگراسى بويىدىكى دارمىق تېغى رايونىدا بايقالغان پ ي د / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى نىشانلىرىنى كۈچلۈك توپقا تۇتۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، بومباردىمان دائىرىسىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى نىشانلىرىنىڭ ناھايىتى دەل يوقىتىپ تاشلانغانلىقى ۋە ئايروپىلانلارنىڭ ساق – سالامەت ھالدا بازىلىرىغا قايتىپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە ئارمىيەسى، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئافرىن رايونىغا ئورۇنلىشىۋالغان پ ك ك/ ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى يوقىتىپ، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بۇلارنىڭ بېسىم ۋە زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر