يىلدىرىم: تېررورچىلارنىڭ تونېللىرى ۋە ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىۋەتتۇق

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا تېررورچىلارنىڭ تونېللىرى ۋە ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىۋەتكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

902311
يىلدىرىم: تېررورچىلارنىڭ تونېللىرى ۋە ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىۋەتتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم گۆلباشىدا ئۆتكۈزۈلگەن  ئەنقەرە – نىگدە دۆلەتلىك تاش يولى قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پ ك  ك / ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنىڭ ئۇۋىلىرى بىلەن تونېللىرىنى بىتچىت قىلىۋەتتۇق، تېررورچىلارنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىمىز ھەمدە رايوننى تېررورسىتلاردىن پۈتۈنلەي تازىلايمىز. بۇ نومۇسسىز تېررورچىلار ئافرىندىن رەيھانلىغا، خاتايغا، كىلىسكە 12 كۈن ئىچىدە 82 دانە راكېتامىيوت ئوقى ئاتتى. بۇ ھۇجۇملار نەتىجىسىدە 5 پۇقرايىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى، 100 دىن ئارتۇق پۇقرايىمىز يارىلاندى، كۆپ ساندا بىنالار، جامەلەر ۋەيران بولدى. بۇنداق ھالەتتە بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ قولىمىزنى قوۋۇشتۇرۇپ بۇ نومۇسسىز ئەبلەخلەرنىڭ راكېتامىيوت ۋە بومبا ئېتىشىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايتتۇق. دەرۋەقە، بىز دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بۇ تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتۇق. مەملىكەت ئىچى – سىرتىدا تېررورچىلارنى پۈتۈنلەي يوقاتقانغا قەدەر تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. بىزنىڭ بىردىنبىر نىشانىمىز، ئەزىز خەلقىمىزنىڭ بەخت – سائادىتى، ھۇزۇرى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر