«ئامېرىكا ھەمراھ مەسىلىسىدە خاتا يولنى تاللىدى»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىنىڭ ھەمراھ مەسىلىسىدە خاتا يولنى تاللىغانلىقىنى ئېيتتى.

899944
«ئامېرىكا ھەمراھ مەسىلىسىدە خاتا يولنى تاللىدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇنىڭ: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەمراھ مەسىلىسىدە خاتا يولنى تاللىدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى «‹ The New York Times › گېزىتى» دە ئېلان قىلىندى.

چاۋۇشئوغلۇ ماقالىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدە يەرلىك ھەمراھ سۈپىتىدە  تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك نى تاللىشى سەۋەبىدىن تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە ئوخشىغان ئالاھىدە ئىقتىدارلىق بىر ھەمراھى بار تۇرۇقلۇق ي پ گ / پ ك ك غا ئىشىنىشى ئۆزىگە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغان ناھايىتى چوڭ خاتالىقتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر